بىخەتەرلىك مەركىزى شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى
بىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىز بولسا 2019- يىلى 9 - ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭىلاندى.
ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ، بىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ، ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
كىرىش سۆز
بىخەتەرلىك مەركىزى بولسا، شياۋمى شىركىتى ۋە ئۇنىڭ باغلانما شىركەتلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «شياۋمى» ياكى «بىز» دېيىلىدۇ) سىزگە تەمىنلەپ بېرىدىغان يانفون بىخەتەرلىك قوللىنىشچان ئەپى بولۇپ، ئۇ يانفون ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، ئېقىم مىقدارىنى كۆزىتىپ كونتروللاش، پاراكەندە قىلىدىغان تېلېفون ۋە ئۇچۇرلارنى توسۇش، بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى سايىلەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى قوللايدۇ.
بىز سىزنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز. مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى بىخەتەرلىك مەركىزى گە قارىتا چىقىرىلغان خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك جەھەتتىكى بايان ۋە ۋەدە بولۇپ، ئۇ «شياۋمىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى» نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەرلىك مەركىزى نىڭ ئالاھىدە پۈتۈملىرىگە چېتىلىپ،«شياۋمىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى» بىلەن بىردەك بولماي قالغاندا، مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئەگەر مەزكۇر خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە پۈتۈم قىلىنمىغان بولسا، «شياۋمىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى» ئاساس قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قوغداش، بىخەتەرلىك تەدبىرى، چېگرا ھالقىپ يەتكۈزۈش » قاتارلىق بۆلەكلەر ھەققىدىكى پۈتۈم بار بولسا، سىزنىڭ «شياۋمىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى» نى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەزكۇر خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى تۈزگەن چاغدا، سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان بولىدۇ، بىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش قائىدە - رەسمىيەتلىرىمىزنى تولۇق چۈشىنىۋېلىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىزگە تەمىنلەپ بېرىدىغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىز كونتروللىيالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بىزنىڭ بىخەتەرلىك مەركىزىمىزنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا بىزگە تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايدىغانلىقىمىز، ئىشلىتىدىغانلىقىمىز، ئاشكارىلايدىغانلىقىمىز، بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمىز ۋە ساقلايدىغانلىقىمىز بەلگىلەنگەن. مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئاستىدىكى «خۇسۇسىي ئۇچۇرلار» ئۇچۇرنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭغا باغلانغان باشقا ئۇچۇرلار ئارقىلىق كېيىن ئالاھىدە خۇسۇسىي سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. بىز مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىمىز.
ئاخىرىدا، ئىشلەتكۈچىلىرىمىزگە ئەڭ ياخشى تەسىرات ئاتا قىلالىساق دەپ ئۈمىد قىلىمىز. مۇبادا مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە ئېيتىلغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىيىتىگە قارىتا ھەر قانداق سوئالىڭىز بولسا،privacy@xiaomi.com ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، سىزنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشكە تەييارمىز. سىزدىن ئىنكاس تاپشۇرۇۋالغىنىمىزدىن كۆپ خۇرسەن بولىمىز.
بىرىنچى، بىز قايسى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز ۋە ئۇ ئۇچۇرلارنى قانداق ئىشلىتىمىز
1. بىزگە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشكە ھوقۇق بەرگەن ئەھۋالدا
خۇسۇسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاشتىكى مەقسەت سىزگە مەھسۇلات ۋە (ياكى) مۇلازىمەت تەمىنلەپ بېرىش، شۇنداقلا مۇناسىپ ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمە، باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرگە ئەمەل قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرىش - بەرمەسلىكنى تاللاش ھوقۇقىڭىز بار. ئەمما، كۆپىنچە ھاللاردا، تەمىنلەپ بەرمىسىڭىز سىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرالماي قالىمىز، بۇ ئىقتىدارلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) بىخەتەرلىك مەركىزى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىدار
1) بىخەتەرلىك تەسىراتى
يانفوننىڭ تەڭشىلىش، ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە يانفونغا ساقلاش ئەھۋالىنى سايىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يانفونىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيسىز. بۇ ئىقتىدار يانفونىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىۋېلىشىڭىزغا ۋە ئۈنۈملۈك ئوڭشاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. سىستېما ھالىتىنى تەكشۈرگەندە، Android ID، ئۈسكۈنە تىپ نومۇرى، MIUI سىستېمىسى ۋە ئەپنىڭ نەشىر نۇسخا تىپى، نەشىر نۇسخا نومۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، تىل ۋە رايون تەڭشىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ، شۇ ئارقىلىق تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرىنى يېڭىلايمىز. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
2) بىخەتەرلىك يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەش
ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر ئايدا بىخەتەرلىك مەركىزىدىكى ئالاقىدار ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى سىتاتىستىكا قىلىپ، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەپ تۇرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، تېلېفون نومۇرىڭىز ، IMSI، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى ئۇچۇرى، IMEI OAID ( Android نىڭ Q نەشىر نۇسخىسىغا قارىتىلغان ) ، تور ئېقىم مىقدارى ئىشلىتىش ئەھۋالى، سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى ۋە WIFI ئىشلىتىش مىقدارى، ئىشلىتىش ۋاقتى، بىكار ۋاقىت ۋە ئالدىراش ۋاقىتلاردىكى ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايمىز.
3) پاراكەندە قىلغۇچى تېلېفون ۋە ئۇچۇرلارنى توسۇش
پاراكەندىلەرنى توسۇشتا، ئىشلەتكۈچىلەر بەلگە سالغان ئەخلەت ئۇچۇر ۋە تېلېفونلار توسۇۋېلىنىپلا قالماي، يامان غەرەزلىك تور بېكەتلىرىمۇ تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ ۋە توسۇۋېلىنىدۇ. ئەخلەت ئۇچۇر ۋە تېلېفونلارنى توسۇۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىزنىڭ شياۋمى ھېساب نومۇر ئۇچۇرىڭىز ، قارا ۋە ئاق تىزىملىك نومۇرلىرى، قسىقا ئۇچۇر مەزمۇنىدىكى ھالقىلىق سۆز، سۆزلىشىش خاتىرىسى، كەلگەن تېلېفون ياكى ئۇچۇر نومۇرى، دەخلىسىز ھالەتتە Vip تېلېفونلار تىزىملىكى قاتارلىقلارنى توپلىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، سىزنىڭ شياۋمى ھېساب نومۇرى ئۇچۇرىڭىز ۋە سۆزلىشىش خاتىرىڭىز پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇلازىمېتىردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر بەلگە سالغان ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر ۋە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن نومۇرلارغا ئاساسەن، سىزنى پاراكەندىلەرنى توسۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. سىزدىن ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تىپى، MIUI سىستېمىسى ۋە ئەپ نۇسخا ئۇچۇرى، تىجارەت سودىگىرى ئۇچۇرى، رايون ۋە تىل تەڭشەش،IMEI/OAID( Android Q نەشرىگە قارىتا قارا) ھەمدەAndroid ID ئاق قارا تىزىملىكتىكى نومۇرلار، ھالقىلىق سۆزلەر تىزىملىكى قاتارلىقلارنى توپلاپ، بۇنى يېڭىلاش زۆرۈرىيىتى بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنى ئايرىش، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان تەڭشەكلەر بويىچە قاراتمىلىق تۈردە مۇلازىمەت تەمىنلەپ بېرىشكە ئىشلىتىمىز. بۇ بۆلەك سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
يامان غەرەزلىك تور بېكەتلىرىنى توسۇش يۈزىسىدىن، سىز ھازىر كىرگۈزگەن ياكى كۆرۈۋاتقان تور ئادرېسىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى تەكشۈرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تىپ نومۇرى، سىستېما نۇسخىسى، ھازىرقى ۋىرۇس ئامبىرى ۋە ماتورنىڭ نۇسخا نومۇرى، تەكشۈرۈلىدىغان URL، IP ئادرېسلىرى، تور كۆرگۈچ ئۇچۇرى، توردا ئالماشتۇرۇلغان خاتالىق ئۇچۇرلىرى، IMEI/OAID ، MAC ئادرېسى ۋە Android ID، تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلارنى توپلاپ، يامان غەرەزلىك تور ئادرېسلىرىنى تەكشۈرىمىز. تەكشۈرۈلىدىغان URL ئادرېسى، IMEI/OAID (Andoid Q نۇسخىسىغا قارىتىلىدۇ)، IP ئادرېسى ۋە تور كۆرگۈچ ئۇچۇرىدىن باشقا سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
4) ۋىرۇس تەكشۈرۈش
بىخەتەرلىك مەركىزى سىز قاچىلىغان ئەپلەرنى بىرمۇ بىر سايىلەپ تەكشۈرىدۇ ھەمدە يانفوندا ساقلىنىپ قالغان ۋىرۇس ياكى خەتەرلىك ئەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، يانفون بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، بۇلار سىستېما بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ئەپ بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھەق تاپشۇرۇش بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزدىن GUID、IMEI/OAID(Android Q نەشرىگە قارىتىلغان )、 IMSI نومۇرى، MAC ئادرېسى، ئۈسكۈنە ساقلىغۇچى ۋە مۇلازىمېتىرنىڭ IP ئادرېسى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى ۋە ياسىغۇچى ، ئاندروئىد ۋە سىستېما نۇسخا نومۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، تور تىپى، ھۆججەت نامى، دەلىللەش قىممىتى ۋە ۋاقىت بۆلىكى، ئىشلەتكۈچىلەر ھەرىكىتى، تەكشۈرۈپ چىقىلغان ۋىرۇسنىڭ نامى ۋە نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ئامبىرىنىڭ نۇسخا نومۇرى ، ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىنىڭ نۇسخا نومۇرى، تور ئالاقىسىدىكى خاتا ئۇچۇرلار نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار ۋىرۇس ئامبىرىنى سىتاتىستىكا قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش، ۋىرۇس ئامبىرىنى يېڭىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مۇلازىمەت تەمىنلەنگەن مەھسۇلاتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىز ئالىدىغان سانلىق مەلۇماتلار پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.
بۇلۇت ۋىرۇس تەكشۈرۈش-يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، بىز يەنە ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ نامى، نەشىر نۇسخا نومۇرى، ئەپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، wifi Ssid ۋە Bssid، IEMI نومۇرى ۋە يانفون تىپ نومۇرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ، يامان غەرەزلىك ئەپ ياكى ئەمەسلىكىگە يەككە ھالدا ھۆكۈم چىقىرىمىز.
5) USB ئورنىتىش
يامان غەرەزلىك ياكى تۈركۈملۈك ئەپلەرنى ئورنىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز «USB ئورنىتىش» ئىچىگە ۋىكليۇچاتېل ۋە ئېچىلىدىغان دانە سانىنى چەكلىمىسىنى قوشتۇق. مەسىلەن، SIM كارتىسى ئورنىتىلمىغاندا ئۈزچاتنى ئاچقىلى بولمايدۇ، بىر دانە SIMكارتىسىنىڭ يانفون ئېچىش سانى يېرىم يىل ئىچىدە ئالتە دانىدىن ئاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ شياۋمى ھېساب نومۇرىڭىز،IMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان)، SIM كارتىسىنىڭ ID ۋە IP ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئېچىلغان ئۈسكۈنىنىڭ سانىنى سىتاتىستىكا قىلىمىز.
6) يانفون روتلاشتىن ساقلىنىش
ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن، شياۋمى ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەندىن باشقا سىستېما ROM قاچىلاش بوغچىلىرىنى چەكلەيمىز، بۇنىڭدا سىزدىن ئاندروئىد ۋە MIUI سىستېما نۇسخا نومۇرىڭىز، Android ID، ئۈسكۈنە نامى، تىل ۋە رايون تەڭشىكى، IMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان)،سىستېما سەپلىمىسى ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى، سىستېما تەڭشىكى، تور تۈرى، تەڭشەكلىك ئەپ بوغچىلىرىنىڭ نامى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز.
(7) ھوقۇق بېرىشنى باشقۇرۇش
بىخەتەرلىك مەركىزى ئارقىلىق ھەر بىر ئەپنىڭ ھوقۇق بېرىش چېكىنى كونترول قىلالايسىز. بۇنىڭدا ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئۇچۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، ئاندروئىد ۋە MIUI سىتېما تۈرى، نەشىر نۇسخا نومۇرى، رايون ۋە تىل تەڭشىكى قاتارلىقلارنى توپلاپ، ئۈسكۈنە نەشىر نۇسخىسى ۋە سەپلىمىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، سىزنى قاراتمىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاچىلانغان ئەپلەر ۋە ئاپتوماتىك قوزغىلىش تىزىملىكىنى ئېلىپ، ھەر بىر ئەپنىڭ مۇناسىپ ھوقۇق چېكىنى تەكشۈرىمىز. بۇ بۆلەك سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىڭىزدىلا ساقلىنىدۇ.
ئەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇنسىز ئۆزئارا قوزغىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىزدىن Android ID، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، MIUI سىستېما نەشىر نۇسخا نومۇرى، رايون ۋە تىل تەڭشەش، قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ ئۇچۇرى، ئەپ نەشىر نۇسخا نومۇرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئالىمىز. سىزنىڭ Android ID، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، قاچىلانغان ئەپلەر ۋە ئەپنىڭ نۇسخا نومۇرى ئۇچۇرلىرى پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
8. تور ياردەمچىسى
تور ياردەمچىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يانفوندا تور ئېقىمى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇپ تۇرالايسىز، شۇنداقلا يەنە تور ئېقىمىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش، تور ئېقىمى سېتىۋېلىش ئىقتىدارلىرىنىمۇ ئىشلىتەلەيسىز. قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچىدىن تور ئېقىمى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىزدىن MIUI سىستېمىسىنىڭ نۇسخا نومۇرى، رايون ۋە تىل تەڭشەش، تور ياردەمچىسىنىڭ نەشىر نۇسخا نومۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرۈش سودىگىرىنىڭ ئۇچۇرى، SIM كارتىسىنىڭ تەۋەلىك رايونى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى سىزگە يوللىغان قىسقا ئۇچۇر، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، Android ID، IMSI ھەمدە تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى توپلايمىز. تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى سىزگە يوللىغان قىسقا ئۇچۇردىن باشقا سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
تور ياردەمچىسىنى ئىشلىتىپ تور ئېقىمى سېتىۋالسىڭىز، بىز يەنە سىزدىن شياۋمى ھېساب نومۇرى، تېلېفون نومۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچىنىڭ ئۇچۇرى، SIM تەۋەلىك رايونى، IMSI، Andoid ID، تور ياردەمچىسىنىڭ نۇسخا نومۇرى، قىسقا ئۇچۇرلۇق دەلىللەش كودى، سېتىۋالغان تور ئېقىمى مەھسۇلاتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالىمىز، بۇلار سىزگە مۇلازىمەت تەمىنلەپ بېرىشىمىزگە قولايلىق شارائىت ھازىرلايدۇ. سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز، شياۋمى ھېساب نومۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، SIM تەۋەلىك رايونى ئۇچۇرىدىن باشقا سانلىق مەلۇماتلار ئۈسكۈنىڭىزدىلا ساقلىنىدۇ. ئەگەر تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قول مەشغۇلاتى قىلىپ يوللاشنى تاللىسىڭىز، سىزنىڭ كوماندا نومۇرىڭىز، قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى ۋە Android ID ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئالىمىز، بۇلار ئۆرنەك نۇسخىڭىزنى تۈزىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
9) توك تېجەشنى ئەلالاشتۇرۇش
توك تېجەشنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، باتارېيەنى باشقۇرالايسىز، يانفوننىڭ توك سەرپىيات ئەھۋالىنى تېزلىكتە كۆرەلەيسىز، شۇنداقلا مەسىلىنى بىر كونۇپكا بىلەنلا ھەل قىلالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىزدىن Android ID، MIUI نەشىر نۇسخا نومۇرى ۋە نۇسخا تۈرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇرى، رايون تىل تەڭشىكى، چۈشۈرگەن ئەپ ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى توپلايمىز. بۇ سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
10) ئەپ باشقۇرۇش
ئەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، ئەپ ھوقۇق چېكىنى باشقۇرۇپ، ئەپنى قوش ئېچىش، ئەپ قۇلۇپىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز. سىز ئىشلەتكەن ئىقتىدارلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سىز مەخپىيلەشتۈرگەندىن كېيىنكىIMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان)、ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، ئاندروئىد ۋە MIUI نەشىر نۇسخا ئۇچۇرى، Android ID، رايون ۋە تىل تەڭشەش، تور تۈرى، API level قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايمىز. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدە IMEI/OAID (Android Q نەشىر نۇسخىسىغا قارىتىلىدۇ) دىن باشقىلىرى ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدە ساقلىنىدۇ.
2. خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىش ۋە ئىشلىتىشىمىزگە ھوقۇق بېرىشنى تاللىسىڭىز بولىدىغان ئەھۋاللار
(1) يۇقىرىقى يادرولۇق ئىقتىدارلاردىن باشقا، يانفونىڭىزدىكى ئەپ ۋە تەڭشەكلەرنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشىڭىزغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىز بىخەتەرلىك مەركىزىدە بەزى قوشۇلما ئىقتىدارلارنى تەمىنلىدۇق. قوشۇلما ئىقتىدارلارنى قوزغىتىپ ئىشلەتكىنىڭىز ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئېلىشىمىزغا قوشۇلغىنىڭىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ قوشۇلما ئۇچۇرلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) ئويۇن سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش
ئويۇن سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ، ئويۇن ئويناۋاتقاندا ئويۇننىڭ راۋانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز، شۇنداقلا ئويۇن ئويناش جەريانىدا تېلېفون، ئۇقتۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنىڭ كاشىلا قىلىشىدىن ساقلىنالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىزدىن ئاندروئىد ۋە MIUI نەشىر نۇسخىسى ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، ئەپ ئۇچۇرى، تىجارەتچى ئۇچۇرى، رايون ۋە تىل تەڭشىكى، مەخپىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكىIMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان)نومۇرى ۋە Android ID، شياۋمى ھېساب نومۇرى، SIM كارتىسىنىڭ IMSI نومۇرى، IP ئادرېسى ۋە تەلەپ قىلغان ۋاقىت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز.IMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان)نومۇرى، شياۋمى ھېساب نومۇرى، SIM كارتىسىنىڭ IMSI نومۇرىدىن باشقا سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
2) قىزىل بولاق ياردەمچىسى
قىزىل بولاق ياردەمچىسىنى ئاچقان بولسىڭىز، ئۈندىدار، QQ، مىلياۋ پاراڭلىشىش دېتالى قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە قىزىل بولاق پەيدا بولغان چاغلاردا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە ئەسكەرتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىزدىن MIUI نەشىر نۇسخىسى ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، رايون ۋە تىل تەڭشىكى، IMEI/OAID (Android Q نەشىر نۇسخىسىغا قارىتىلىدۇ) نومۇرى، تەڭشەش ئۇچۇرى ۋە ئەپنىڭ نەشىر نۇسخا سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، سىزنى قاراتمىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇ بۆلەك سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
(2) سىزگە خاسلاشتۇرۇلغان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىش ۋە كۆرسىتىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى، ۋىرۇس تەكشۈرۈش، توك تېجەشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئويۇن سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ سۈرئەت ئاشۇرۇش ئىقتىدارلىرىدا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، ھېسابلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق سىز قىزىقىدىغان ئەپ ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىزنىڭ Android ID، مەخپىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى IMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان) نومۇرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، تىجارەت يۈرۈشتۈرگۈچى، رايون ۋە تىل تەڭشىكى، ئەپ نەشىر نۇسخا نومۇرى، ئاندروئىد ۋە MIUI نەشىر نۇسخا نومۇرى، تور تۈرى، مەزمۇن تەۋسىيە ۋىكليۇچاتېلىنىڭ ھالىتى، API LEVEL قاتارلىق ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدە IMEI/OAID(Android Qنەشرىگە قارىتىلغان)نومۇرىدىن باشقىلىرى پەقەت سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدىلا ساقلىنىدۇ.
سىزنىڭ تۈرلۈك ئۈسكۈنىلىرىڭىزدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىتا باغلىما مەشغۇلاتى قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق مۇشۇ ئۈسكۈنىلەردىمۇ سىزگە بىردەك بولغان مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ بېرىشىمىز مۇمكىن. بىز مەلۇم تۈردىكى مۇلازىمەتتىن كەلگەن ئۇچۇرنى يەنە باشقا مۇلازىمەتلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلار بىلەن بىرىكتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىزگە مۇلازىمەت، خاس مەزمۇن ۋە تەكلىپلەرنى تەمىنلەپ بېرىشكە قولايلىق يارىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئىقتىدارنى خالىغان ۋاقىتتا تەڭشەك ئىچىدىن تاقىۋەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
3. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش، ئىشلىتىشتە سىزدىن ماقۇللۇق ئېلىشىمىز ھاجەتسىز:
(1) دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
(2) جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى سەھىيە، زور ئاممىۋى مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
(3) جىنايەتنى رازۋېدكا قىلىش، دەۋا، سوتلاش، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛
(4) خۇسۇسىي ئۇچۇرلار سۇبيېكتى ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى قاتارلىق زور قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا توغرا كەلگەن، ئەمما شەخستىن ماقۇللۇق ئېلىش تەسكە چۈشكەن ئەھۋاللاردا؛
(5) توپلانغان خۇسۇسىي ئۇچۇر شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتى ئۆزى جەمئىيەتكە، ئاممىغا ئاشكارىلىغان ئۇچۇر بولغاندا؛
(6) قانۇنلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرى، ھۆكۈمەت ئۇچۇر ئاشكارىلاش قاتارلىق يوللار بىلەن قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار ئىچىدىن ئېلىنغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىز؛
(7) سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە توختام ئىمزالاشتا زۆرۈر بولۇپ قالسا؛
(8) تەمىنلەپ بېرىلگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىنى قوغداشتا زۆرۈر بولغاندا، مەسىلەن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاشىلىلارنى بايقىغان، بىر تەرەپ قىلغاندا؛
(9) قانۇنلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالغاندا؛
(10) ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى جامائەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئىستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغاندا زۆرۈر بولۇپ قالغاندا. ئەمما، ئىلمىي تەتقىقات ياكى تەسۋىر، باياننىڭ نەتىجىسىنى سىرتقا تەمىنلەپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە، شۇ نەتىجىدىكى سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىڭىز پەرقلەندۈرۈش بەلگىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛
2.、سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش
بۇ كەسىپتىكى قىسمەن مۇلازىمەت مەزمۇنلىرىنى ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى تەمىنلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە سىزنىڭ قىسمەن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەپ بېرىمىز. مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى بىلەن سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز:
(1) ئەخلەت تازىلاش مۇلازىمەتتەمىنلىگۈچىسى: بۇ كەسىپتىكى ئەخلەت تازىلاش مۇلازىمىتىنىليېباۋ، تېڭشۈن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلەپ بېرىدۇ، سىزنىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىز، نەشىر نۇسخىسى ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى مۇشۇ تۈردىكى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە تەمىنلەپ بېرىشىمىز مۇمكىن، بۇنى سىزگە يانفون ئەخلەتلىرىنى تازىلاش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.
(2) ۋىرۇس تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى: بۇ كەسىپتىكى ۋىرۇس تازىلاش مۇلازىمىتىنى تېڭشۈن، تيەنئەن، Avastنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ، سىزنىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىز، IP ئادرېسىڭىزقاتارلىق ئۇچۇرلارنى مۇشۇ تۈردىكى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەرگە تەمىنلەپ بېرىشىمىز مۇمكىن، بۇلار سىزگە ۋىرۇس تەكشۈرۈش ۋە تازىلاش مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
(3) ئويۇن سۈرئىتىنى تېزلىتىش مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىسى:بۇ كەسىپتىكى ئويۇن سۈرئىتىنى تېزلىتىش مۇلازىمىتىنى شۈنيوۋ سۈرئەت ئاشۇرغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلەپ بېرىدىغان بولۇپ، سىزدىن IMSI نومۇرى، شياۋمى ھېساب نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلىپ، مۇشۇ تۈردىكى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە تەمىنلەپ بېرىشىمىز مۇمكىن، بۇلار ئويۇن سۈرئىتىنى تېزلىتىش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
مۇشۇ ئۈچىنچى تەرەپلەر بىلەن سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغاندا، مەخپىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان شىركەت، تەشكىلاتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك مۇھىتىنى مۇۋاپىق تۈردە تەكشۈرىمىز ھەمدە ئۇلار بىلەن قاتتىق تەلەپلىك سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۈچىنچى تەرەپتىن يېتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللىنىش، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلەپلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
ئۈچىنچى، ساقلاپ قېلىش سىياسىتى
مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە ئېيتىلغان ئۇچۇر توپلاش مەقسىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا ياكى تەتبىقلانغان ئالاقىدار قانۇنلاردا تەلەپ قىلىنغاندا، خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاپ قالىمىز. خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش مەقسىتى ئورۇندالغاندا ياكى سىزنىڭ ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش، تىزىمدىن چىقىرىۋېتىش ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلىغىنىمىزدىن كېيىن، ۋە ياكى ماس مەھسۇلات، مۇلازىمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرغىنىمىزدىن كېيىن، شۇ ئۇچۇرلارنى ساقلاشنى توختىتىمىز ھەمدە ئۆچۈرۈپ، نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز. جامائەت مەنپەئەتى، ئىلىم-پەن، تارىخ تەتقىقاتى ياكى ئىستاتىستىكا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، تەتبىقلانغان قانۇنلارغا ئاساسەن، سانلىق مەلۇماتلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىدىكى سانلىق مەلۇمات توپلاش مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان تەقدىردىمۇ، مۇناسىپ سانلىق مەلۇماتلارنى داۋاملىق تۈردە ساقلاپ قالىمىز.
سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى ئىچىدە ساقلىنىدۇ.
خاسلاشتۇرۇلغان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىش ياكى كۆرسىتىش ئۈچۈن توپلانغان ئۇچۇرلار مۇلازىمېتىردا 30 كۈن ساقلىنىدۇ. باشقۇرۇشقا ھوقۇق بېرىلىپ توپلانغان ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى، MIUI سىستېما نەشىر نۇسخىسى ئۇچۇرلىرى، رايون ۋە تىل تەڭشىكى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار 90 كۈن ساقلىنىدۇ. ئويۇن تېزلىتىش ئىقتىدارى ئۈچۈن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ئالتە ئاي ساقلىنىدۇ.
تۆتىنچى، سىزنىڭ ھوقۇقلىرىڭىز
1. كونتروللاشنى تەڭشەش
ھەر بىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا دىققەت-ئېتىبار بېرىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز بەزى ئۆرنەكلەرنى تەمىنلەپ، بىخەتەرلىك مەركىزى تەمىنلەيدىغان تۈرلۈك شەكىللەرنى تاللىۋېلىشىڭىزغا سۇندۇق، مۇشۇلار ئارقىلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاش، بىر تەرەپ قىلىشقا چەكلىمە قويالايسىز، شۇنداقلا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىڭىزنىڭ تەڭشىكىنى كونترول قىلالايسىز:
●تەڭشەش ئىچىدىن مەزمۇن تەۋسىيە قىلىش ۋىكليۇچاتېلىنى ئاچالايسىز ۋە تاقىيالايسىز؛
● تەڭشەش ئىچىدىن تۈرلۈك ئىقتىدار مودۇللىرىنىڭ ھوقۇق چېكىنى تەڭشىيەلەيسىز؛
● ئەپ ياكى نومۇر قارا، ئاق تىزىملىكىگە قوشالايسىز.
ئەگەر بۇرۇن يۇقىرىقى مەقسەتلەر بىلەن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىشلىتىشىمىزگە ماقۇللۇق بەرگەن بولسىڭىز، ھەر ۋاقىت يازما شەكىل ئارقىلىق ياكى privacy@xiaomi.com غا ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتىش ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۇ قارارىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
2. خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا قارىتا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلىرىڭىز
سىز تەتبىقلايدىغان دۆلەت ياكى رايوننىڭ قانۇن - نىزاملىرىغائاساسەن، ئىلكىمىزدە تۇرۇۋاتقان، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق خۇسۇسىي ئۇچۇرنى زىيارەت قىلىش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ (تۆۋەندە قىسقارتىپ تەلەپ دېيىلىدۇ).
سىزنىڭ شياۋمى ھېساب نومۇرىڭىزدىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا دائىر تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا دائىر ئىشلاردا، تۆۋەندىكى ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى ئادرېسى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى::privacy@xiaomi.com .
كۆپ ساندىكى قانۇنلاردا، خۇسۇسىي ئۇچۇر ئىگىسى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تەلەپلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ، مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە، تەلەپلىرىڭىز تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ:
● بىزنىڭ مەخسۇس تەلەپ قىلىش يوللىرىمىز ئارقىلىق بولۇشى ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىڭىزنى ئويلىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇشى، تەلىپىڭىز يازما شەكىلدە بولۇشى كېرەك (يەرلىكنىڭ قانۇنىدا ئاغزاكى ئىلتىماس ئېتىراپ قىلىنىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)؛
● سالاھىيىتىڭىزنى دەلىللەپ چىقىشىمىزغا يېتەرلىك بولغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرىشىڭىز، تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇر تەلەپ قىلىش سۇبيېكتى ئۆزىڭىز ياكى سىز قانۇنلۇق ھالدا ھوقۇق بەرگەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىشىڭىز كېرەك؛
سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ دەپ جەزملەشتۈرگىلى يېتەرلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشسەكلا، سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:
● تەلىپىڭىزگە ھەمدە قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ماس كەلگەن ئاساستا، سىزگە ئۆزىمىز توپلىغان، بىر تەرەپ قىلغان خۇسۇسىي ئۇچۇر خاتىرىڭىزدىن بىر نۇسخا تەمىنلەپ بېرىمىز، ئالاقىدار ئۇچۇرلار ھەققىدىكى باشقا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، ئالاقىدار قانۇنلار ئاساسىدا ئەمەلىي باشقۇرۇش تەننەرخىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىزدىن مۇناسىپ تۈردە ھەق ئېلىشىمىزمۇ مۇمكىن.
● قولىمىزدىكى ھەر قانداق ئۇچۇرىڭىز توغرا ئەمەس ياكى تولۇق ئەمەس دەپ قارىسىڭىز، ئىشلىتىش نىشانىنى تۈزىتىش ياكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى مۇكەممەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
● سىز تەتبىقلىغان قانۇن - نىزاملار بويىچە ئالاقىدار خۇسۇسىي سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىز سىزنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىش تەلىپىڭىزنى باھالاپ چىقىمىز، ئەگەر مۇناسىپ بەلگىلىمىنى قانائەتلەندۈرسە، تېخنىكا ۋاسىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىپ قەدەم - باسقۇچلارنى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىمىز. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزىڭىز ياكى بىزنىڭ ياردىمىمىز ئارقىلىق ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلار ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرى سەۋەبىدىن، مۇناسىپ ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش سىستېمىسىدىن دەرھاللا ئۆچۈرۈپ تاشلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىخەتەر ساقلايمىز ھەمدە ئۇنى تاكى زاپاستىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغۇچە ياكى نامسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغۇچە ھەر قانداق بىر قەدەملىك بىر تەرەپ قىلىشتىن ئايرىپ تاشلايمىز.
بىز ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىغان ياكى تالاش-تارتىش قىلىش شەكلىدىكى تەكرار تەلەپلەرنى، باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تەلەپلەرنى، ئىنتايىن رېئال بولمىغان تەلەپلەرنى، تېخنىكىلىق خىزمەت بىلەن ماس كەلمىگەن، شۇنداقلا يەرلىكنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئورۇنداش ھاجەتسىز بولغان، ئاللىقاچان جامائەتچىلىككە ئاشكارا قىلىنىپ بولغان ئۇچۇرلار، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش شەرتى ئاستىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەگەر بىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش ياكى زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلەر مەلۇم جەھەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىزغا، بىخەتەرلىك مەقسىتىدە سانلىق مەلۇماتنى قانۇنلۇق ئىشلىتىشكە ئىلاجىسىز قېلىشىمىزغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغىنىمىزدا، بۇ تەلەپنى رەت قىلىشىمىز مۇمكىن.
3. ماقۇللۇقنى بىكار قىلىش
●تەلىپىڭىزنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق، بۇرۇن بىزگە بەرگەن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە مەقسەت بىلەن بىزگە بەرگەن ماقۇللۇقىڭىزنى بىكار قىلىۋېتەلەيسىز. «تەڭشەش - تورلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش» ئىچىدىن تورلاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى تاقاش ئارقىلىق، ئىلگىرى بەرگەن ھوقۇقلىرىڭىزنى بىكار قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. سىز تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنكى مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە تەلىپىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىمىز ھەمدە سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ئاساسەن، شۇنىڭدىن كېيىن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىمايمىز، ئىشلەتمەيمىز، ئاشكارىلىمايمىز.
● سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ماقۇللۇقنى بىكار قىلىۋېتىشىڭىز بەزى قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ھوقۇق بەرگەن ئۇچۇرلار دائىرىسىدە، شياۋمىنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالماي قېلىشىڭىزغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ماقۇللۇقىڭىزنى ياكى ھوقۇق بېرىشنى بىكار قىلىش قارارىڭىز بۇندىن بۇرۇن سىزنىڭ ھوقۇق بېرىشىڭىز بىلەن قانات يايدۇرۇلغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
4. مۇلازىمەت ياكى ھېساب نومۇرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش
كونكرېت مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، «تەڭشەش - تورلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش» تىن تورلاشتۇرۇش ۋىكليۇچاتېلىنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بىز ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمېتىر تېرمىنالىدىن سىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز.
ئەگەر شياۋمى ھېساب نومۇرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، شياۋمى ھېساب نومۇرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى شياۋمىنىڭ پۈتۈن لىنىيەلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىزگە سەۋەبچى بولىدۇ، بۇ مەشغۇلاتتا ئېھتىياتچان بولغايسىز. سىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش يۈزىسىدىن، شياۋمىنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ، سىزنىڭ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تەلىپىڭىزنى قوللاش - قوللىماسلىققا ھۆكۈم قىلىمىز.
بەشىنچى، ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتى ۋە مۇلازىمىتى
بىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىز ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلەيدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرگە تەتبىقلانمايدۇ. ئۇ سىز ئىشلەتكەن بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلىرىگە باغلىق بولىدۇ، ئۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئەخلەت تازىلاش، ۋىرۇس تەكشۈرۈش، ئويۇن سۈرئىتىنى تېزلىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىشى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتىنىڭ ئۇلانمىسى شەكلىدە تەمىنلىنىشى، يەنە بەزىلىرى SDK، API قاتارلىق شەكىللەردە ئۇلىنىشى مۇمكىن. شۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكەن چېغىڭىزدىمۇ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز ئېلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ۋاقىت ئاجرىتىپ، خۇددى بىزنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش سىياسەتلىرىمىزنى ئوقۇپ چىققاندەك، ئاشۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش سىياسەتلىرىنىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سىزدىن ئالغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىغا مەسئۇل بولمايمىز، شۇنداقلا ئۇنى ئىشلىتىشىنى كونترول قىلالمايمىز. بىزنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش سىياسىتىمىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق ئۇلاپ بېرىلگەن باشقا تور بېكەتلىرىگە تەتبىقلانمايدۇ.
تۆۋەندە سىز يۇقىرىدىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ياكى مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكەن چاغدا تەتبىقلىنىدىغان ئۈچىنچى تەرەپ نىزامنامىسى ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش سىياسەتلىرىدىن ئۆرنەك كۆرسەتتۇق:
● ئۈچىنچى تەرەپ ئەخلەت تازىلاش مۇلازىمەت سودىگىرىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى:
o تېڭشۈننىڭ «خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى»: http://privacy.qq.com/
o ليېباۋ نىڭ «ئەخلەت تازىلاش خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك باياناتى»: https://www.cmcm.com/protocol/cleanmaster/privacy-for-sdk-cn.html
● ئۈچىنچى تەرەپ ۋىرۇس تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سودىگىرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى:
o تېڭشۈننىڭ «خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى»: http://privacy.qq.com/
o Avast نىڭ《Privacy Policy》:https://www.avast.com/zh-tw/privacy-policy
o ئەنتيەننىڭ «ئىشلەتكۈچىلەر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى»:https://www.avlsec.com/zh-hans/privacy-policy
● ئۈچىنچى تەرەپ ئويۇن سۈرئىتىنى تېزلىتىش مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىسىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى:
o شۈنيوۋنىڭ «شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى»: http://www.xunyou.mobi/article-1967.html
ئالتىنچى، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
ئەگەر بۇ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاش سىياسىتىگە ھەر قانداق پىكىر ياكى سوئالىڭىز بولسا ياكى بىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشى، ئىشلىتىشى، ئاشكارىلىشىغا قارىتا ھەر قانداق سوئالىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئادرېس بويىچە بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەمدە «خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاش سىياسىتى» نى تىلغا ئېلىڭ. بىز سىزنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارغا دائىر ھوقۇق تەلىپىڭىز، مەسلىھەت تەرىقىسىدە سورىغان سوئالىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كەسپىي كوللېكتىپىمىز سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە بىر قەدەر زور ئىشلارغا چېتىلسا، سىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن. ئېرىشكەن جاۋابىڭىزدىن قانائەتلەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئەدلىيەلىك باشقۇرۇش تەۋەلىكى رايونىدىكى ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ئەرز-شىكايەت سۇنسىڭىز بولىدۇ. بىزدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، تەتبىقلىنىشى مۇمكىن بولغان ئالاقىدار ئەرز-شىكايەت يوللىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى سىزگە تەمىنلەپ بېرىمىز.
ئالاقىلىشىش ئادرېسىمىز:
بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى چىڭخې ئوتتۇرا كوچىسى 68-نومۇر ۋۇسەيچېڭ سودا-سېتىق مەركىزى ئىشخانا بىناسى
پوچتا نومۇرى: 100085
ئېلخەت ساندۇقى: privacy@xiaomi.com