EasyShare ئىشلەتكۈچى مۇلازىمەت كېلىشىمى


ھۆرمەتلىك ئىشلەتكۈچى:
EasyShare (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ "بۇ مۇلازىمەت" دېيىلىدۇ) نى ۋىۋو كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تارماق شىركەتلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ "vivo" ياكى "بىز" دېيىلىدۇ) يۈرۈتىدۇ، بۇ ئىشلەتكۈچى مۇلازىمەت كېلىشىمى سىز (ئىشلەتكۈچى) بىلەن ۋىۋو كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇ ئىجازەت بەرگەن تەرەپ بىلەن ھاسىل قىلغان ئۈنۈملۈك قانۇنىي كېلىشىم.
بۇ كېلىشىم ئارقىلىق سىز vivo نىڭ سىزگە بۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلەش ئۇسۇلى، سىز بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە، vivo نىڭ بۇ مۇلازىمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى تەمىنلەش باياناتى قاتارلىق باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشىنىسىز. بۇ كېلىشىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ، بولۇپمۇ تالاش-تارتىشنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى، جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتى ۋە ئۇچۇر توپلاش ھەققىدىكى ماددىلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. سىز 18 ياشقا توشقاندا ياكى سىز تۇرۇشلۇق رايوننىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يېتىش يېشىغا توشقاندا، ئاندىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلسىڭىز ۋە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز 18 ياشقا توشمىغان بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ۋەسىينىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەزكۇر كېلىشىمنى ئوقۇغاندا ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرى ھەمراھ بولۇشى كېرەك. ئەگەر يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش ھەمدە بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى تاللىسىڭىز، سىزنى بۇ كېلىشىمنىڭ بارلىق ماددىلىرىنى قوبۇل قىلغان دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە vivo بىلەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولىسىز.

1. بۇ مۇلازىمەت ھەققىدە
بۇ مۇلازىمەت سىزگە ئۈسكۈنىدە ھۆججەت يوللاش، ئەپچىل تېلېفون ئالماشتۇرۇش، ماتېرىيال زاپاسلاش، ئېكرانغا ئەقلىي يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلەپ، تېز سۈرئەتتە مەزمۇن يوللاش، ئېكرانغا يوللاش قاتارلىق تەلەپلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئاساسلىق ئىقتىدارى: (1)
شەخسىي ئۇچۇرنى تەڭشەش: سىز بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكى لەقەم، باش سۈرەتنى خالىغانچە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
(2) ھۆججەت يوللاش: سىز بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق يەنە بىر يانفون ئۈسكۈنىسىگە ئۇلىنىپ، قارشى تەرەپكە ئالاقىداش، قىسقا ئۇچۇر، سۆزلىشىش خاتىرىسى، كالېندار، ئەپ، باغاقچە، سۈرەت، مۇزىكا، سىن، ئۈن، تەڭشەك ۋە باشقا مەزكۇر مۇلازىمەت قوللايدىغان مەزمۇنلارنى يۈزمۇ-يۈز يوللىسىڭىز ياكى قارشى تەرەپتىن قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ (ئومۇملاشتۇرۇلۇپ "ئىشلەتكۈچى مەزمۇنى" دېيىلىدۇ).
ئىزاھات: بۇ مۇلازىمەتنىڭ ios سىستېما نەشىرى پەقەت ئالاقىداش، رەسىم، سىن، مۇزىكىنى يوللاشنى قوللايدۇ. (3)
توربەتتە يوللاش: سىز مەزكۇر مۇلازىمەت ئارقىلىق يانفون بىلەن كومپيۇتېر تور بېتى ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتالايسىز، ئالاقە ئورنىتىلغاندىن كېيىن، كومپيۇتېر بىلەن يانفون ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئۆزئارا ھۆججەت يوللىيالايسىز. (4)
ئەپچىل تېلېفون ئالماشتۇرۇش: سىز مۇلازىمەت بېتىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن، ئېھتىياجىڭىز (يوللايدىغان كونا يانفون/ قوبۇل قىلىدىغان يېڭى يانفون) غا قاراپ تاللىسىڭىز ھەمدە مەشغۇلات كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈسكۈنىنى ئۇلاپ، تېلېفون ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىكى ماتېرىيال يوللاشنى تېز ھەم قولايلىق تاماملىسىڭىز بولىدۇ.
(5) ماتېرىيال زاپاسلاش: يانفون بىلەن كومپيۇتېر ئالاقە ئورنىتىپ، يانفون سانلىق مەلۇماتلىرىنى كومپيۇتېرغا زاپاسلىغىلى ھەمدە خالىغان ۋاقىتتا يانفونغا قايتۇرغىلى بولىدۇ، زاپاسلايدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئالاقىداش، قىسقا ئۇچۇر، سۆزلىشىش خاتىرىسى، كالېندار، ئەپ، باغاقچە، سۈرەت، مۇزىكا، سىن، ئۈن، تەڭشەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (6)
ئېكرانغا ئەقلىي يوللاش: سىز مەزكۇر مۇلازىمەت ئارقىلىق كومپيۇتېر ياكى تېلېۋىزورغا بۇ يانفون ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېكرانىدىكى مەزمۇننى پەيتلىك يوللاشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. (7)
كۆپ ئېكرانلىق ھەمتۈرتكە: سىز مەزكۇر مۇلازىمەت ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنە (كومپيۇتېر، يانفون) ئوتتۇرىسىدىكى ھەمتۈرتكە ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، بۇ ھۆججەت يوللاش، چۈشۈرۈش، ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىش، ھۆججەتنى ئېچىش ۋە تەھرىرلەش، كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (8)
كونكرېت قوللاش ياكى يېڭىدىن قوشۇلغان ئىقتىدارلارغا سىز ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتال نەشرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ئەگەر گۇمانىڭىز بولسا، مۇلازىمەتچىدىن سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ. (9)
ئەگەر سىز بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى كۆرسەتكەن ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ چىقىڭ، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ماجىرالارنى ئۆزىڭىز ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىڭ.

2. يۇمشاق دېتال ھوقۇق ئىجازىتى بېرىش ھەققىدە
1)ئىجازەت بېرىش. vivo تۆۋەندىكى ماددىلارغا ئاساسەن، سىزگە مەخسۇس بولمىغان ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان چەكلىك ئىجازەت بېرىپ، بۇ يۇمشاق دېتال ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە يول قويىدۇ، لېكىن سىزنىڭ قايتا ئىجازەت بېرىش ھوقۇقىڭىز يوق.
2)ئىجازەت چەكلىمىسى
a)سىز يەككە كۆچمە تېرمىنال ئۈسكۈنىسىدە غەيرىي سودا مەقسىتىدە يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرسىڭىز، قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، vivo باشقا ئېنىق ھوقۇق بەرگەن ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بۇ كېلىشىمدىكى چەكلىمىنى چەكلىگەندىن باشقا ئەھۋالدا، تۆۋەندىكىلەرنى قىلسىڭىز بولمايدۇ: (i) باشقا شەخسنىڭ بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش؛ (ii) بۇ يۇمشاق دېتال ياكى ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، تەتۈر يۆنىلىشلىك قۇرۇلۇش قىلىش، تەتۈر يۆنىلىشلىك تەرجىمە قىلىش، تەتۈر توپلاش ياكى بۇ يۇمشاق دېتال ياكى ھۆججەتكە ئاساسەن ھاسىلىي مەھسۇلات بەرپا قىلىش؛ (iii) مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى ئارخىپنى كۆچۈرۈش (ئوڭشاش/ ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان زاپاسلاشتىن باشقا، لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى، زاپاسنى ھەرقانداق كومپيۇتېرغا قاچىلىماسلىق ياكى ئىشلەتمەسلىك، ئوڭشاش/ ئالماشتۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش/ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك. سىز مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا قىلغان ھەرقانداق باشقا زاپاسلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى مەزكۇر كېلىشىمگە خىلاپ دەپ قارىلىدۇ)؛ (iv) بۇ يۇمشاق دېتال ياكى ھۆججەتنى ئىجارىگە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، قايتا ئىجازەت بېرىش ياكى بۇ يۇمشاق دېتال ياكى ھۆججەت ھەققىدىكى ھوقۇقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ (v) بۇ يۇمشاق دېتال ياكى ھۆججەتتىكى ھەرقانداق ئىگىدارلىق ھوقۇقى باياناتى ياكى بەلگىسىنى چىقىرىپ تاشلاش؛ (vi) بۇ يۇمشاق دېتالغا باشقا يۇمشاق دېتالنى قوشۇش ياكى باشقا يۇمشاق دېتالنى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش.
b)بارلىق ئالاقىدار قانۇنلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇل بويىچە بۇ يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەتنى ئىشلىتىشكە قوشۇلىشىڭىز كېرەك.
c)سىز بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ ھەر قانداق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ياكى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئاجىزلىقىنى سايىلىسىڭىز ياكى بۇ مۇلازىمەتنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاشىلا قىلسىڭىز، يامان نىيەتتە ۋىرۇس تارقىتىش قاتارلىق باشقا نورمال تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە كاشىلا قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولمايدۇ.

3. بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى باياناتى
بۇ يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى vivo نىڭ ئىگىدارلىقىدا (بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەمىنلىگۈچى تەرەپ ۋە ئىجازەت بەرگۈچى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق زىيارەت قىلغان مەزمۇن (بۇ يۇمشاق دېتال مېدىيا كۆرسىتىش ھۆججىتىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى يەنىلا مۇناسىپ مەزمۇننىڭ ئىگىدارىغا تەۋە بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك نەشر ھوقۇقى ياكى باشقا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. بۇ ئىجازەت سىزگە ئۇ تۈردىكى مەزمۇنلار ھەققىدە ھېچقانداق ھوقۇق بەرمەيدۇ.

4. يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە
ۋىرۇس ياكى يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، vivo بەلگىلىگەن دۇكان ياكى ئورگان تەرەپ چۈشۈرۈش يولىدىن بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى تاللاڭ، غەيرىي ئورگان تەرەپ تور بېكىتىدىن چۈشۈرمەڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چوقۇم تېرمىنال قۇرۇلمىنىڭ تىپى ياكى ئۈسكۈنىگە ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتال نەشرىنى تاللىشىڭىز، ياكى دەرىجە ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك، بولمىسا، يۇمشاق دېتال نەشرى بىلەن قۇرۇلما تىپىنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلمەسلىك مەسىلىسى، ئىقتىدارنى قوللىماسلىق مەسىلىسى، قۇرۇلمىنى باغلىغىلى بولماسلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.
يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ۋە يېڭىلاش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى ياكى ئۇچۇر خىراجىتى (مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى يۈرۈتكۈچى يىغىۋالىدۇ) نىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

5. ئىشلىتىش ۋەدىسى ۋە كاپالىتى
مەزكۇر كېلىشىمگە ئۇيغۇن كېلىش شەرتى ئاستىدا، سىز مەزكۇر مۇلازىمەت ئارقىلىق باش سۈرىتىڭىز، لەقىمىڭىزنى تەڭشىسىڭىز ھەمدە ھۆججەت ماتېرىياللارنى يوللىسىڭىز ۋە ئېكرانغا يوللىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن شۇنى ۋەدە بېرىشىڭىز كېرەككى، سىز قانۇنلۇق، قائىدىلىك ئۇسۇلدا بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز بۇ مۇلازىمەت (خاسلاشتۇرۇپ تەڭشەش، EasyShare قاتارلىق ئۇسۇللار) ئارقىلىق دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزام، سىياسەتلىرىگە خىلاپ بولغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى تەشۋىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك، بۇ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ:
(a)ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدىغان؛
(b)دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان، دۆلەت ھوقۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛
(c)دۆلەتنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛
(d)مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛
(e)دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىدئەت تەلىمات ۋە فېئودال خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان؛
(f)پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛
(g)شەھۋانىيلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتىدىغان؛
(h)باشقىلارنى ھاقارەتلەپ ياكى باشقىلارغا تۆھمەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛
(i)باشقىلارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى، سودا مەخپىيىتى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان؛
(j)سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشقا، جامائەت تەرتىپى ۋە ياخشى ئادەتكە، جامائەت ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق قىلمىشلار ياكى قانۇن-نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلار.
كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشىڭىزدىن كىلىپ چىققان قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش، زىيانغا ئۇچرىغان سۇبيېكتنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لېكىن بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان ھەرقانداق ئاقىۋەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

6. جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتى ۋە مەسئۇلىيەت چەكلىمىسى
بۇ مۇلازىمەت پەقەت شەخسىي ئىشلىتىشىڭىزگە بېرىلىدۇ، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ يۇمشاق دېتال، ھۆججەت ۋە مەزمۇنى ھازىرقى ھالىتى بويىچە تەمىنلىنىدۇ، vivo مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشچانلىقى، ئالاھىدە مەقسەتكە ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لېكىن بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان تۆۋەندىكى تەرەپلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئاشكارا ۋە بېشارەتلىك بايان ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ: (1)
بۇ مۇلازىمەت ئالاھىدە ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدۇ؛ (2) بۇ مۇلازىمەت ئۈزۈلدۈرمەي، ۋاقتىدا، بىخەتەر ياكى نۇقسانسىز ئەھۋالدا تەمىنلىنىدۇ؛ (3) سىز مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئېرىشكەن ھەر قانداق ئۇچۇر توغرا ياكى ئىشەنچلىك بولىدۇ؛ ياكى (4) مۇلازىمەتنىڭ بىر قىسمى بولغان ھەر قانداق كەمچىلىك ياكى خاتالىق تۈزىتىلىدۇ. vivo
ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەر قانداق خاتالىقى، قانۇنسىز ياكى مەزكۇر كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا vivo تەمىنلىگەن ھەر قانداق مۇلازىمەت، ئىقتىدارنى ئىشلىتىش قىلمىشىغا قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سىز ھەرقانداق vivo تەمىنلىگەن ئىقتىدار ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بارلىق كۈچكە ئىگە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك.

7. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ توختىتىلىشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلىشى
مەزكۇر مۇلازىمەتنىڭ توختىتىلىشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلىشى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (a)
سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ھەمدە يۇمشاق دېتالنى يۇيىۋەتسىڭىز؛ (b)
قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ياكى vivo ھۆكۈم قىلىشقا ئاساسەن سىزنى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، ياكى مەزكۇر كېلىشىمدە پۈتۈشكەن ئىجازەت چەكلىمىسى، كاپالىتىڭىز ۋە ۋەدىڭىز قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان ھەر قانداق مەزمۇنغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراشقا ئاساسى بار بولسا؛ (c)
قانۇن-نىزاملار ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، vivo نىڭ مۇلازىمەتنى توختىتىشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى؛ (d)
تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ۋەقەلەر ياكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەر (خاككىر ھۇجۇمى، تورنىڭ ۋەيران بولۇشى، ۋىرۇسنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى قاتارلىق ئالاقە تورىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ)؛ (e)
قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ياكى vivo نىڭ تاقابىل تۇرالمايدىغان سەۋەبى، كەسىپنى تەڭشەش قاتارلىق مۇلازىمەتنى توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.
ئەگەر يۇقىرىقىدەك توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە: (a)
vivo نىڭ سىزگە ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىشنى توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن باشقا چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھوقۇقى بار؛ (b)
مەزكۇر كېلىشىمدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن ياكى خاراكتېرى بويىچە كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان ھەرقانداق ماددا مەزكۇر كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاكى پۈتۈشكەن شەرتلەرنىڭ مۇددىتى توشقانغا ياكى خاراكتېرى بويىچە توختىغانغا قەدەر داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

8. تەدبىقلىنىدىغان قانۇن ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت ماددىلار
سىز ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىدا قارشى بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئىجازەت كېلىشىمى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنى بويىچە ئىزاھات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توقۇنۇش قانۇنىغا تەتبىقلانمايدۇ. شۇنىڭغا قوشۇلىشىڭىز كېرەككى، دوڭگۇەن شەھەرلىك ئىككىنچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار ھەمدە شۇ سوت مەھكىمىسى سوت قىلىدۇ، ھەمدە سىز شۇ ئەدلىيە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ياكى سوت قىلىدىغان جاي توغرىسىدىكى ھەرقانداق باشقىچە پىكىردىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلىدىن، قانۇنلۇق باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسى بۇ كېلىشىمنىڭ ھەرقانداق ماددىسى ياكى ھەرقانداق قىسمىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ كېسىم چىقارسا، بۇ ئىجازەت كېلىشىمىنىڭ قالغان قىسمى يەنىلا بارلىق كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ.

9. كېلىشىمنىڭ يېڭىلىنىشى
مەزكۇر كېلىشىم ئېلان قىلىنغان ياكى يېڭىلانغان كۈندىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، vivo ۋە بۇ مۇلازىمەتنى ئاچقان ھەمدە ئىشلەتكەن بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
vivo نىڭ ئۆزىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە بازار مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ھەر ۋاقىت مۇلازىمەت ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ھوقۇقى بار (تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇناسىپ ماددىلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش، قوشۇش، ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مۇلازىمەت ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلسىلا، vivo مۇناسىۋەتلىك بەتلەردە يېڭىلاپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ماددىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز داۋاملىق vivo تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ماددىدىكى بارلىق تۈزىتىشلەرنى قوبۇل قىلغان دەپ قارىلىدۇ.

10. بىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىسىز
ئەگەر ھەرقانداق گۇمان، پىكىر ياكى تەكلىپىڭىز بار بولسا، مۇلازىمەتچى تېلېفونى 400-678-9688 غا تېلېفون قىلىڭ ياكى vivo ئورگان تورىhttps://www.vivo.comغا كىرىپ توردىكى مۇلازىمەتچى ئارقىلىق vivo بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

11. ئادەتتىكى ماددىلار
(1) مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ماۋزۇسى ئوقۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تېكىستتىكى ماددىلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. (2)
مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھەرقانداق ماددا مەيلى قانداق سەۋەب تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز، قىسمەن ئىناۋەتسىز ياكى ئىجرا قىلىش كۈچى يوق دەپ بېكىتىلسۇن، مەزكۇر كېلىشىمدىكى باشقا ماددىلار يەنىلا كۈچكە ئىگە ھەمدە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. (3)
مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھەر قانداق مەزمۇننى سىز بىلەن vivo ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق سودا ھەمكارلىقى ياكى ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان دەپ قاراشقا بولمايدۇ. (4)
قانۇن-نىزاملار يول قويغان دائىرىدە vivo مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

Copyright ©2016-present ۋىۋو كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى All Rights Reserved
رويخەتكە ئالدۇرغان ئادرېسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرى چاڭئەن بازىرى جىڭخەي شەرقىي يولى 168-نومۇر
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى